UyghurMain Dictionary
فرېدرىخ ۋىلھېلىم
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1861) پرۇسسىيە كورۇلى (1840 - 1861). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅲ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدە ئۆكتىچىلەر كۈنسايىن جانلىنىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىشقا ۋە كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى بوشاشتۇرۇشقا مەجبور بولغان، ئەمما فېئوداللىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيتكەن. سىياسىي ۋە مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1847 - يىلى 4 - ئايدا <بىرلەشمە پارلامېنت>نى ئاچقان بولسىمۇ، بۇرژۇئازىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، شۇ يىلى 6 - ئايدا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ پاتلىشىنى تېزلەتكەن. 1848 - يىلى، بېرلىن مارت ئىنقىلابىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغان؛ <بىرلەشمە پارلامېنت>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى فېدېراتىپ دۆلەت قۇرۇشقا ۋەدە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى پائال پىلانلىغان ھەمدە شۇ يىلى 11 - ئايدا ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 12 - ئايدا <پادىشاھ تۈزگەن ئاساسىي قانۇنى>نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىك سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1849 - يىلى 3 - ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى تۈزگەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن گېرمانىيە ئىمپېراتورى دېگەن نامنى رەت قىلىپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ كىنەزلىرىنى يىغىپ، ئىنقىلابنى باستۇرغان ھەمدە شۇ يىلى 5 - ئايدا پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى <ئۈچ كورۇل ئىتتىپاقى>نى قۇرۇپ، گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىسى چىقمىغان. 1853 - يىلى چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گېرمان بەگلىكلىرىنىڭ تولىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە پرۇسسىيە ئەتراپىغا بىرلەشتۈرگەن. 1857 - يىلى روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ، ئۇكىسى شاھزادە ۋىلھېلم (1861 - يىلى تەختكە چىقىپ، ۋىلھېلم Ⅰ دەپ ئاتالغان) نائىبلىق قىلغان.