UyghurMain Dictionary
فرانسىس
دۇنيا تارىخى
(1494 - 1547) فرانسىيە ۋالوئى سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1515 -1547). تەخىتتىكى مەزگىللىرى ئىستىبداتلىقنى يولغا قويۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلەر ئورگىنىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ،پۈتۈن دۆلىتىدىكى چېركاۋلارنى كونترول قىلغان(<بولوگنا دىنى شەرتنامىسى>گە قارالسۇن). سودا - سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرگەن. سىرتقا نىسبەتەن داۋاملىق ھالدا ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان(1494 - 1559).1515 - يىلى مارىنانو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، مىلاننى ئىشغال قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلىس Ⅴ بىلەن تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلغان(1521 - 1529،1525 -1527، 1542 - 1544)1538 - 1525.1536 - يىلى پاۋىيە(شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان)دىكى جەڭدە يېڭىلىپ، ئەسىرگەچۈشكەن. ئىككىنچى يىلى چارلېس Ⅴ بىلەن <مادرىد سۈلىھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. ۋەتىنىگەقايىتقاندىن كېيىن شەرتنامىنى بۇزغان، شۇنىڭ بىلەن، يەنە ئۇرۇش يۈز بەرگەن. سىرتنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيە سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1544 - يىلى چارلېسⅤ قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىسنى يەنە بىر قېتىم تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبورلىغان.
دۇنيا تارىخى
(1544 - 1560)فرانسىيە ۋالوئى سۇلالىسىنىڭ كورۇلى(1559 - 1560). تەختتىكى مەزگىللىرى ئوردا ھاكىمىيىتى گېسې جەمەتىنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1560 - يىلى خوگېنوتىس مەزھىپىنىڭ ئاقسۆڭىكى ئانتونى بۇربۇن(1518 - 1562) ۋە لۇئى كوندې(1530 - 1569) باشچىلىقىدا شۇ چاغدىكى ئانبوۋاز قەلئەسىدە تۇرۇۋاتقان بالا كورۇلفرانسىس Ⅱ نى تۇتۇپ كېتىپ، گېسى جەمەتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان (تارىختا <ئاببوۋاز سۇيىقەستى> دەپ ئاتىلىدۇ)، سۈيىقەست ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلتۈرۈلگەن.