UyghurMain Dictionary
فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخىفرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. گېسدې ۋە لافارگې رەھبەرلىك قىلغان. 1880 - يىلى 11 - ئايدا لېخاۋرې ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قۇرۇلغان ھەمدە ماركسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن پارتىيە پروگراممىسى (يەنى <لېخاۋرې پروگراممىسى>) ماقۇللانغان. 1882 - يىلى گېسدېچىلار بىلەن مۇمكىنچىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش پارتىيىنىڭ پارچىىنىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭدىن كېيىىن گېسدېچىلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان. مۇمكىنچىلەر بولسا سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. ئىشچىلار پارتىيىسى فرانسىيىدە ماركىسزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان، لېكىن پارلامېنت كۈرىشىگە بەكلا بېرىلىپ كەتكەن، بۇلاڭئېر ۋە دىرېيفۇس ۋەقەسىدە ئارىلاشماسلىقتەك خاتا مەيدان قوللانغان. 1901 - يىلى لېئون قۇرۇلتىيىدا يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن گېسدېچىلار ھەم بلانكىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيە سوتسىيال پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.