UyghurMain Dictionary
فىكۇس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بوتانىكا
ئۈجمە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۇچى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، گۈل تەگلىكى شارغا يېقىنراق شەكىلدە، گۈلى ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق، پىشقاندا قارا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئەسلى ماكانى ئاسىيادىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. قوۋزىقىدىن ئېلىنغان سۈتسىمان سۇيۇقلۇقتىن قاتتىق دەرەخ يېلىمى ئىشلىگىلى بولىدۇ.