UyghurMain Dictionary
فىكولوگىيە
بىئولوگىيە
يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاكسونومىيىسى، مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىسى ھەمدە ئىقتىسادىي قىممىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بوتانىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ بوتانىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، ئىنسانلار يۈسۈنلەرنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوزۇقلۇق، دورا ماتېرىيالى ۋە يەم - خەشەك ئورنىدا پايدىلانغان. نۆۋەتتە، فىكولوگىيە ئىقتىسادىي يۈسۈنلەرنى ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىش ۋە پايدىلىنىش، ھەمدە سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، گېئولوگىيە ۋە سۇ مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىم ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.