Uyghur←ChineseMain Dictionary
فەرغانە دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
拨汗那国
bō hàn nà guó
جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا خەنزۇچە ھەرخىل ئاتالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى فەرغانە رايونىغا جايلاشقان. جۇڭگو غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە فەرغانە دەپ ئاتالغان بولۇپ، سەيياھ جاڭ چيەن بۇ جايغا بارغان. ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن، مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن، تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ جايدائەركەشتام تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇرغان. 715 - يىلى (تاڭ سۇلالىسى كەييۇەننىڭ 3 - يىلى ) ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان، تاڭ سۇلالىسى قوشۇن ئەۋەتىپ ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغان. 744 - يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 3 - يىلى)تاڭ سۇلالىسى بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى نىڭيۈەنگەئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا فېڭخۇاۋاڭ دېگەن نامنى ئاتا قىلغان ھەمدە تاڭ سۇلالىسى خان جەمەتىدىن بولغان مەلىكە خېيىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. 751 - يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەبلەر تالاس شەھىرى (ھازىرقى جامبۇل شەھىرى)دە جەڭ قىلغان. فەرغانە تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ ئەرەبلەر بىلەن جەڭ قىلغان. ئەرەبلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەندىن كېيىن، فەرغانە جۇڭگو بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، پادىشاھقا پات - پات ئولپان تەقدىم قىلىپ تۇرغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سامانىلار خاندانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىگە ئەل بولغان.
تارىخ
拔汗那国
bá hàn nà guó