Uyghur←ChineseMain Dictionary
فەرغانە چوڭ قانىلى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر费尔干纳大运河
fèi ěr gàn nà dà yùn hé
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇغۇرۇش ئىنشائاتلىرىنىڭ بىرى. بۇ قانال ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فەرغانە ۋادىسىدا بولۇپ، ئۆزبېكىستان (ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومېتىر) ۋە تاجىكىستان (ئۇزۇنلۇقى 62 كىلومېتىر) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇ ئۇچقۇرغان شەھىرىنىڭ يېنىدىكى سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تارمىقى نارېن دەرياسىدىن باشلىنىپ، قارا دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ، فەرغانە ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدا غەربكە قاراپ ېئقىپ، لېننىئاباد شەھىرىنىڭ يېنىدا سىر دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 345 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قانال 1939 - يىلىدىن 1940 - يىلغىچە قېزىلغان بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق سۇ قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نارېن، قارا دەريا سۈيى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.