Chinese→UyghurMain Dictionary
腓力二世
دۇنيا تارىخى
فىلىپ Ⅱ
فىلىپ Ⅱ (1) (مىلادىدىن ئىلگىرى 382 - 336). ماكېدونىيەنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 359 - 336). ئامىنتاس Ⅱ نىڭ كەنجى ئوغلى. مىلادىدىن 368 يىل ئىلگىرى تېبېس شەھىرىدە بارىمتاي (تەخمىنەن 3 يىل) بولۇپ، يۇنان تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن ھەمدە تېبېس گېنېرالى ئېپامىنوندادىن چاسا سەپ تاكتىكىسىنى ئۆگەنگەن. تەختتكە چىققاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، دائىمىي ئارمىيىنى كېڭەيتىپ، دېھقان پىيادە ئەسكەرلەر (چاسا سەپ) ۋە ئاقسۆڭەك ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يادرو قىلغان قۇدرەتلىك قوشۇننى شەكىللەندۈرگەن؛ پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالتۇن - كۈمۈش پۇل بىرلىكىنى قوللانغان. يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋال تاپقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، زېمىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. يۇناننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى (جۈملىدىن ئافىنادىكى) ماكېدونىيىگە مايىللارنى سېتىۋالغان ۋە <ئېشەككە ئالتۇن ئارتىپ بېرىپ، مۇستەھكەم سېپىللارنى ئارتىپ كەلدىم> دېگەن. ئېگىي دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىستىھكاملارنى ئىگىلىگەن ۋە مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ يۇنانغا بېسىپ كىرگەن. فىشس بىلەن تېبېس <مۇقەددەس ئۇرۇش> (مىلادىدىن ئىلگىرى 355 - 346) ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ شىمالىي يۇنان ۋە ئوتتۇرا يۇناندىكى بەزى شەھەرلەنى ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى خائېرونېئا جېڭىدە ماكېدونىيىگە قارشى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغان، ئارقىدىنلا كورنىستا پۈتۈن يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، يۇناننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. پېرسىيىگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە، قىزىنىڭ توي مۇراسىمىدا ماكېدونىيىلىك بىر ياش ئاقسۆڭەك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى ئالېكساندر (كېيىن <ئېمپېراتور> دەپ ئاتالغان) ۋارسلىق قىلغان. (2) فىلىپ Ⅱ (1165 - 1223)، فرانسىيە كاپىتېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1180 - 1223). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ فرانسىيە زېمىنىدىكى خوجىلىق يېرى تورماند، مائىن، ئانژۇ، تۇرائىنلارنى ۋە پويىتوۋنىڭ كۆپ قىسمىنى 1204 - يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى - ئاخىر قايتۇرۋالغان. 1214 - يىلى 7 - ئايدا، بۈۋېن جېڭىدە ئەنگلىيە كورۇلى يۇھان (يەرسىز شاھ) ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ئوتتو Ⅳ نى قاتتىق مەغلۇپ قىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن <ئاۋگۇست> دېگەن ھۆرمەت نامىغا ئېرىشكەن. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خان جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىنى بىرقانچە رايونلارغا بۆلۈپ، ئۇلارغا بائىللى (باش ۋالىيغا تەڭ) ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ ئەدلىيە، باج يىغىش قاتارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1189 - 1191 - يىللاردا ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپكە قاتناشقان. (3) فىلىپ Ⅱ (1527 - 1598)، ئىسپانىيەنىڭ كورۇلى (1556 - 1598). 1554 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى مارى Ⅰ بىلەن توي قىلغان. 1556 - يىلى دادىسى چارلېس Ⅰ تەختىنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئىسپانىيە كورۇلى بولغان. ئىسپانىيە، نېدىرلاندىيە، نېئاپول، سىتسىلىيە، مىلان ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرگە ئىگە بولغان. ئىچكى جەھەتتە، مەھكىمە شەرئىيىدىن پايدىلىنىپ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن. بىدئەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، 1568 - 1570 - يىللاردىكى مورىسكوسلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە ئېغىر باج ئېلىش سياسىتىنى يولغا قويغان. تاشقى جەھەتتە ئۇدا ئەسكەر ئىشلەتكەن: 1157 - يىلى ئىسپانىيە بىلەن ۋېنتسىيەنىڭ بىرلەشمە دېڭىز فلوتى لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1580 - يىلى پورتۇگالىيىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى قوشۇۋالغان. 1581 - يىلى نېدىرلاندىيەنىڭ شىمالىي يەتتە ئۆلكىسى ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1588 - يىلى <يېڭىلمەس فلوت> نى ئەنگلىيەگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئەمما ئىنگلىز بۇغۇزىدا پۈتۈن فلوت دېگۈدەك يوقىتىلغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسپانىيە دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان. فرانسىيىدىكى خۇگۇئېنو ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭدىمۇ مەغلۇپ بولغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان (1598). ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي خارابلىشىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ، دۆلەت كۈنسايىن ئاجىزلاشقان.