Chinese→UyghurMain Dictionary
腓力四世
دۇنيا تارىخى
فىلىپ Ⅳ
(1) فىلىىپ Ⅳ (كېلىشكەن يىگىت، 1268 - 1314)، فرانسىيە كاپېتىن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1285 - 1314). 1285 - يىلى نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شامپان بەگلىكىنى قوشۇۋالغان. 1300 - يىلى فلاندېرسنى ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ، يەرلىك قول سانائەتچىلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە 1302 - يىلى 7 - ئايدىكى كوئۇرترائى جېڭىدە يېڭىلىپ چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن چېركاۋدىن باج ئېلىپ، رىم پاپاسى بونىفا Ⅷ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1302 - يىلى 4 - ئايدا مىسسىئونېرلار دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ دەرىجىلىكەر يىغىنىنى ئېچىپ، قوللاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 1303 - يىلى بونىفا Ⅷ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان فرانسىيىلىك رىم پاپا كېلىمېنت Ⅴ نى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. 1307 - يىلى تېمپلې رىتسارلار پولكىنىڭ فرنسىيىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ 1312 - يىلى كېلىمېنت Ⅴ نى تېمپلې رىتسارلار پولكىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبور قىلغان. (2) (1605 - 1665)، ئىسپانىيەنىڭ كورۇلى (1621 - 1665). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئولىۋارېس قاتارلىق ھوقۇقلۇق ۋەزىرلەر چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىساد كۈنسايىن خارابلىشىپ، خەلقئارادىكى ئورنى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بارغان. 1621 - يىلى گوللاندىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش يېڭىۋاشتىن باشلانغان (<ئۇرۇشنى 12 يىل توختىتىش كېلىشىمى> گە قاراڭ) 1622 - يىلى ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇشقا چېتىلغان. 1640 - يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇ يىلى كاتالۇنادا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1647 - يىى نېئاپولدا ماسانېللو قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1648 - يىلى <ۋىستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> بويىچە گوللاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمى ئېتىراپ قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ مەغلۇپ بولغان. 1659 - يىلى <پرىنېئوس سۈلھ شەرتنامىسى> بويىچە روئۇسسىللون (ھازىرقى فرانسىيەنىڭ شەرقىي پرىنئوس ئۆلكىسىدە)نى فرانسىيىگە كېسىپ بەرگەن.