UyghurMain Dictionary
قارىماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قېرىماق، ياشانماق:
باردۇرۇر ئىچىڭدە سۆزۈڭ گەرچە بىھەددى ھىساب،
قاردىڭ ئەمدى، قەلەندەر، قىسسەنى كۇتاھ قىل.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆز نۇرىنى ئادەم ياكى نەرسىگە ئۇچراشتۇرماق.
«كۆز سالماق»، «نەزەر سالماق» يېزىق تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
«كۆز تىكمەك» دىققەت قىلىپ، ئۇزاق قارىماق.
كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ. پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۇتكىنىگە قارا. ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە. «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق. ئالغا ئاتلا، ئاۋايلا، كەينىڭگىمۇ باق، قارا. كەلگۈسىگە كۆز سال. ئۆتمۈشكە نەزەر سالسام، جىق - جىق ئىشلاردىن پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كېتىۋېتىپ، قىزغا كۆز تىكتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەمىن ئەتمەك، ئۆستۈرمەك.
تاينى باقساڭ تۇلپار بولار، بۆرە باقساڭ كۈلپەت كەلتۈرەر. ئالتە كۈن ئاچ قالساڭمۇ ئېتىڭنى باق. مېھماننى كۈت، بەرىكەت تاپ. مېھماننىڭ ئۆزىگە قارىغۇچە، ئېتىغا قارا. ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش _ بالىنىڭ بۇرچى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتنى پەرۋىش قىل، ھوسۇلغا تەييار تۇر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قېرىماق، ياشانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆرۈش ئۈچۈن كۆزىنى بىرەر تەرەپكە، نەرسە ياكى بىر كىمگە قاراتماق؛ كۆز تاشلىماق.
يىراققا قارىغاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر(ماقال).* ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا (ماقال).
پەرۋىش قىلماق، باقماق، خەۋەر ئالماق، كۈتمەك.
كېسەلگە قارىماق، زىرائەتكە قارىماق.
خىيالەن نەزەر تاشلىماق، پىكرەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك، كۆز تىكمەك.
ئۆتمۈشكە بىر قارىماق، كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن قارىماق
... دەپ ھېسابلىماق، تونۇماق ... دەپ بىلمەك، چۈشەنمەك.
ئېتىبارسىز قارىماق.
ئاساسلانماق، باقماق.
ئىپادىسىگە قارىماق.* چىشىمغا قارىما، ئىشمغا قارا (ماقال).
بىلەككە قارىما، يۈرەككە قارا (ماقال).
كىشىنىڭ تىلغا ئەمەس، دىلىغا قارا(ماقال).
بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك، توغرىلانماق، ئۇدۇللانماق.
ئۇ كەينىگە داجىپ، ئورمان ئىچىگە قاراپ قاچتى.
ياردەملەشمەك، قاراشماق.
ئالماس بولسا، موماي بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ: - شانىياز خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆي ئىشلىرىغا قارىيالماپتۇ، ياخشى بولماپتۇ، - دېدى.
تەلمۈرمەك؛ ساقلىماق؛ كۈتمەك.
تاغدىن كەلگەن شامالدىن مەن يارىمنى سورايمەن. يارىمنى كېلەرمۇ دەپ يولغا چىقىپ قارايمەن.
بايقىماق، سەزمەك.
سۇلتان ئۇيقۇ ئىچىدە قوناق شاخلىرىنىڭ شاراق - شۇرۇق قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇردى، قارىسا، ئىش چاتاق! پۇقراچە كىيىنگەن تۆت - بەش ئادەم بۇ تەرەپكە كېلىۋېتىپتۇ.
ئىتائەت قىلماق، بويسۇنماق؛ ئىختيارىدا، قارمىقىدا بولماق.
خوتۇن ئەرگە قارايدۇ، ئەر يەرگە (ماقال).
كۆڭۈل بەرمەك، نەزەرىنى سالماق.
شۇندا ئابرويى بولمىغان ئەرگە قىز بالا قارىمايدۇ.
كۆزدىن كەچۈرمەك، تەكشۈرمەك.
بىر ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە قاراپ چىقتۇق.
Ⅱ شەخسكە قارىتا ئېيتىلىپ تەئەججۈپلىنىش، ئەپسۇسلىنىش، ھەيران قېلىش ۋە نەپرەتلىنىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ شۇنچىۋالا ئەرزان سائەتنى ئالمىغىنىنى قارا.
يېڭى ھەمراھىم يامان نېمە ئىكەن كېلىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتكىنىنى قارىمامسىز.
چېتىلما رەۋىشداشنىڭ يوقلۇق شەكلىدە كېلىپ، <پەرۋا قىلماستىن، پىسەنت قىلماي> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بوران چىقىۋاتقىنىغا قارىماي، ھاجى ئۇنى ھۇجرىسىغا چاقىرتىپ كەلدى.