Chinese→UyghurMain Dictionary
鄂图四世
دۇنيا تارىخى
ئوتتو Ⅳ
(تەخمىنەن 1174 - 1218) گېرمانىيە كورۇلى (1198 - 1215)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1209 - 1215). ۋېلف جەمەتىدىن. 1197 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ ئۆلۈپ، ئۇكىسى فىلىپ تەختكە چىققان. ۋېلف جەمەتى ئوتتونى ئۇنىڭ بىلەن تەختنى تالىشىشقا سالغان ھەمدە رىم پاپاسى ئىننوتسېنتۇس Ⅲ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1208 - يىلى فىلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى يىلى ئوتتو ئىمپېراتورلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1210 - يىلى ئۇ پاپاغا بېقىنىدىغان سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىننوسېنتۇس Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1212 - يىلى ئىننوسېنتۇس Ⅲ ھېنرى Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅱ نى ئىمپېراتور دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن ئوتتو يەنە ئەنگلىيە كورۇلى جون (يەرسىز كورۇل) نىڭ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ گە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، 1214 - يىلى 7 - ئايدا بۇۋېن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىنكى يىلى تەختتىن چۈشكەن.