Chinese→UyghurMain Dictionary
鄂图卡二世
دۇنيا تارىخى
ئوتتوكار Ⅱ
(تەخمىنەن 1230 - 1278) يەنە پرېميسل Ⅱ دەپمۇ ئاتالغان. چېخىيە كورۇلى (1253 - 1278). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئاۋسترىيە، سىترىيە، كارىنسىيە ۋە كارىنولا (كرائىن دەپمۇ ئاتالغان) لارنى بويسۇندۇرۇپ، چېخىيىنى ئوتتۇرا ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. 1254، 1267 - يىللىرى تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ پرۇسسىيىلىكلەر ۋە لىتۋالىقلارغا قارشى سوقۇشىغا قاتناشقان. ھابىسبۇرگ جەمەتىدىن رۇدولف Ⅰ بىلەن مۇقەددەسر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىشىنى تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغان. رۇدولف Ⅰ چېخ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كورۇلغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتوكار Ⅱ گە قارشى لەشكەر تارتقان. 1278 - يىلى 8 - ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوتتوكار Ⅱ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇ قوشۇۋالغان يەرلەر ھابىسبۇرگ جەمەتىگە تەۋە بولغان.