UyghurMain Dictionary
سۇن بىڭشى
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1922) چاۋشىيە لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن دىنىي ئالىم. تەڭرى يولى دىنىي ئاساسچىسى. تەخەللۇسى يى ئەن. چۇڭچوڭ ۋىلايىتى، چوڭجۇ ئايمىقىلىق. 1882 - يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ سۈي شىخېڭنىڭ مۇخلىسى بولغان. 1894 - يىلى دۇڭشۆ داڭ پىرقىسى قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، قوشۇننى باشلاپ چۇەنپېڭجۇن قوشۇنى بىلەن لۇنشەن تېغىدا ئۇچرىشىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، لېكىن بۇ ئىشقا ياپون ئارمىيىسى ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋونسان كاڭجى ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋالغان. 1897 - يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسىنىڭ 3 - ئەۋلاد دىنىي باشلىقى بولغان. 1901 - يىلى ياپونىيە ئارقىلىق جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەيدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئىسمىنى لى شياڭشىيەن دەپ ئۆزگەرتكەن. كېيىن ياپونىيىگە كەتكەن. 1905 - يىلى لى روڭجيۇ قاتارلىقلارنىڭ ياپونپەرەس بىرلىكتە ئىلگىرلەش ئۇيۇشمىسىنى قۇرغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، شەرق ئىلمىي پارتىيىسىنى تەڭرى يولى دىنىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. 1906 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن <تەڭرى يولى دىنى بۈيۈك ئەقىدىلىرى>نى ئېلان قىلىپ، سىئۇل شەھىرىدە تەڭرى يولى دىنىنىڭ باش شتابىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزى دىني باشلىق بولغان. لى رۇڭجيۇ قاتارلىق 60 نەچچە كىشىنى تەڭرى يولى دىنىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1908 - يىلى دىنىي ئىشلارنى پياۋيەنخاۋغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزى دەرۋىش بولغان. 1919 - يىلى 1 - مارت ھەرىكىتىدە 33 ۋەكىلنىڭ بىرى بولۇپ <مۇستەقىللىكخىتابنامىسى>غا بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويغان. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىققان.