UyghurMain Dictionary
سۇن
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سۇنماق، سۇنۇش. 1 . بەرمەك، يوللىماق، تەقدىم قىلماق، ھەدىيە قىلىماق.
سوۋغا سۇنماق. * دوكلات سۇنماق. * ئەرز سۇنماق. * گۈل دەستە سۇنماق.
ئۇ قەدەھنى سۇنۇپتۇيۇ، ساقىي قالماپتۇ،
جامالىدىن زەردىسى باقىي قالماپتۇ.
2 . ئۇزاتماق. يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماق (ماقال) . * ياردەم قولىنى سۇنماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
سۇنماق، سۇنۇش. 1 . چېقىلماق، بۇزۇلماق، ئاجرالماق، پارچىلانماق، يېرىلماق.
ياغاپ سۇنماق. * چىنە سۇنماق. * تەرەت سۇنماق. * كۆڭۈل سۇنماق. * ئەينەك سۇنماق. * قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە (ماقال) . * قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا (ماقال) . * كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار (ماقال) . * سۇنغان توقاچ يېپىشماس (ماقال) . * ھەق ئىگىلمەر، سۇنماس (ماقال).
2 . ۋەيران بولماق، يوقالماق. سۇنغان پومېشچىك. * دۈشمەننىڭ ھەيۋىتى سۇندى.
نەدە روشەن بولسا توغرىلىق نۇرى،
ئەگرىلىك سۇنىدۇ، قۇرۇيدۇ شورى.
«سۇن» دىن بىر تۇيۇق:
دوست بولغان كەتمىدىم، كەتمىدىم سۇنۇپ،
چىن دوستلار باغرىغا باستى قول سۇنۇپ.
ئەپسۇس، سەن ھەسەتلىك قىلمىشلىرىڭدىن، خالايىق ئالدىدا قالدىڭ بەك سۇنۇپ.
جاپپار رەھىمى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۇن كىشى _ يۇمشاق تەبىئەتلىك، ساپ دىل كىشى.
3 - 189
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۇن ئالتۇن _ نوكچا ئالتۇن. بۇ بىر بارماقتىن بىر گەزگىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ.
3 - 189
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆلچەم بىرلىكى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۇن، تۇت، تەقدىم قىل.