UyghurMain Dictionary
ئىلىكخان خانلىقى
دۇنيا تارىخى
موڭغۇللارنىڭ تۆت چوڭ خانلىقىنىڭ بىرى. 1253 - يىلى، ھىلاكۇ موڭغۇل خانى مۈڭكۈنىڭ پەرمانىغا بىنائەن 130 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەربكە يۈرۈش قىلغان. 1256 - يىلى، پۈتۈن ئىراننى ئىشغال قىلىپ دۆلەت قۇرغان. 1258 - يىلى، باغدادقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى ئۆلتۈرۈپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا غەربكە يۈرۈش قىلىپ، دەمەشقنى ئىگىلىگەن. زېمىنى شەرقتە ئامۇ دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالدا كاپكاز، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەبرىزنى پايتەخت قىلغان. كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى قۇبلاي ھىلاكۇغا <ئىلىكخان> (قەبىلە باشلىقى دېگەن مەنىدە) دېگەن نام بەرگەن. ئاباكۇ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە (1265 - 1282) دە، ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بېسىپ كىرگەن. 1270 - يىلى، چاغاتاي خانلىقىنى مەغلۇپ قىلغان، لېكىن يەنە مىسىر مەملۇكلەر سۇلالىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە بېسىپ كىرىپ، مەغلۇپ بولغان. 1295 - يىلى غازانخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ، نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتكەن؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم - پەن ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ مەملىكەت ئىچى قالايمىقانلىشىپ، بۆلۈنۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 1353 - يىلى دۆلەت ھالاك بولغان.