UyghurMain Dictionary
قازان خانلىقى
دۇنيا تارىخى
تاتارلار قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان. ئەسلى قىپچاق دۆلىتىگەقاراشلىق يەر. 1438 - يلى قىپچاق دۆلىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ۋە قازاننى پايتەخت قىلغان. بۇ شەھەر روسىيەنىڭ شەرق ۋە جەنۇبقا بارىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، قول سانائەت ۋە سودا بىرقەدەر تەرەققى قىلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە خانلىق قۇدرەت تېپىپ، 1445 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە كىنەز ۋاسىلىي 2 (1425 - 1462) نى ئەسىرگە ئالغان. 1469 - يىلى موسكۋا كىنەزى ئېۋان Ⅲ قازاننى ئىشغال قىلغان. 1487 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنى قازاننى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىپ، مۇھەممەد ئامىن (؟ - 1518) نى يۆلەپ، قورچاق قىلغان. 1504 - يىلى ئامىن موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان ھەمدە موسكوۋاغا ھۇجۇم قىلغان. ئامىن ئۆلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىنى پاراكەندىچىلىك قاپلاپ، كۈچى ئاجىزلاشقان. 1552 - يىلى روسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.