UyghurMain Dictionary
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى بالىلار باغچىسى
شىنجاڭ مائارىپى
بالىلار مائارىپى
كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1938 - يىلدىكى دىخۇا شەھەرلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۆبە بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6222 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3894 كۋادرات مېتىر، ئۇزۇندىن بۇيان ئىنگلىز تىلى، ئۇسسۇل، رەسىم، ئاكاردىيون قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ھەۋەسكار بالىلار سىنىپى تەسىس قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بالىلارنىڭ گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك بالىلار رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېداللارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى مەكتەپتە 14بالىلار سىنىپى تەسىس قىلغان. بالىلار سانى 600 نەپەردىن ئارتۇق، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 34 نەپەر.