UyghurMain Dictionary
بۆرتالا شەھەرلىك بىرىنچى بالىلار باغچىسى
شىنجاڭ مائارىپى
بالىلار مائارىپى
ئەسلى نامى بۆرتالا ئوبلاستلىق بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1959 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا
بىر سىنىپ، 20 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوبلاستلىق بالىلار باغچىسى ۋە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن
قوشۇۋېتىلگەن. 1960 - يىلى 5 - ئايدا ئايرىلىپ چىقىپ، بۆرتالا ئوبلاستلىق بالىلار باغچىسى دېيىلگەن. 1993 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
ئوبلاستلىق بالىلار باغچىسى بۆرتالا شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، بۆرتالا شەھەرلىك 1 - بالىلار باغچىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. باغچىنىڭ يەر
كۆلىمى 10440 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3356 كۋادرات مېتىر، 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 76 نەپەر، باغچا
قۇرۇلغاندىن بۇيان پۈتتۈرۈپ چىققان بالىلارنىڭ سانى 7000 نەپەر.