UyghurMain Dictionary
مال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چار - پاي، چارۋا.
قارا مال. * ئۇششاق مال. * مال -ۋاران. * مالچى.* مال دوختۇر. * مال بازىرى. * مال سويماق.* باقسا مال بولىدۇ.* مال بولسا، مومام باقىدۇ (ماقال). * ياخشى ئىت - يېرىم مال (ماقال). * ئاغرىپ ساقايغان جان ئولجا، يوقىلىپ تېپىلغان مال (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سېتىلىدىغان نەرسە، بۇيۇم، تاۋار.
مال باھاسى. * مال ساتقۇچى، مال ساتماق، مال ئالماق. * مال ئالماشتۇرماق. * باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا (ماقال). * مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم (ماقال). * مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك (ماقال). * مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بايلىق، دۇنيا، مال - مۈلۈك.
چارۋا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مال - مۈلۈك، بايلىق؛ كۆلۈك مال، يۈك توشۇيدىغان مال، چارۋا؛ پۇل (كۆپلۈكى<ئەمۋال>)؛ مالدان - مال باققۇچى؛ مال قوتىنى؛ مال دوست - مالپەرەس ئادەم، بېخىل ئادەم؛ مالەن - مال - مۈلۈك جەھەتتە، ماددى جەھەتتە، ئىقتىسادىي جەھەتتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىي بايلىق
قولىدا مېلى يوقنىڭ چىرايىدا قېنى يوق. مېلى يوقنىڭ ھۆسنى يوق. ئەخلاق بىلەن ھۈنەر ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياخشى مۈلۈك. تەئەللۇقاتىڭ تولۇپ تۇرسىمۇ تاماشاغا بېرىلىمە. ياشلىقتا دۇنيا دەپىنە ئىزدىمە. ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولدا بېقىلىدىغان ئۇششاق ھايۋان.
مال بولسا مومام باقار. مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا. ئۈچ نەرسىدە بەرىكەت كۆپ: مالدا، تالدا، شالدا. چارۋا - باراڭ. چارۋا قىل - باي بول. چارۋا - مېلىڭ يۈزگە يەتسە، ئۆيۈڭدە گۆش ئۆكسىمەس. چار پاي بولمىسا، جان باقماق تەس. مال - ۋارانىڭ كۆپ بولسا، قورساق توق دېگىن. مېھمان قويدىن ياۋاش. ئۆچكە تاغقا چىقمىسا تۇيىقى قىچىشىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ئۇششاق مال - بۇيۇم.
مامۇت مىلىچمال دۇكىنىنى ئاچتى. چەرچىن مال دائىم لازىم بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كالا، قوي قاتارلىق بېقىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ھايۋان؛ چارۋا.
قارا مال. ئۇششاق مال.
مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا (ماقال).
قول ئىلكىدىكى بىسات، بايلىق.
پادىشاھ: <بۇ ياخشى مەسلىھەت بولدى> دەپتۇ - دە، دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە لەشكەرلەرگە نۇرغۇن پۇل ۋە مال تارقىتىپ بېرىپتۇ.
كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇمى قاتارلىقلار.
قىز مېلى.
سېتىلىدىغان نەرسە، بۇيۇم، تاۋار.
مال باھاسى. مال ساتماق.