UyghurMain Dictionary
مالى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
بېگىموت دۆلىتى
ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، يەر مەيدانى بىر مىليون 204 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىمالدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يېرىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىملىرىدا ئېگىز تەكشىلىك، تاغلىقلار بار بولۇپ، ئەڭ ئېگىز گون بورى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1150 مېتىرغا يېتىدۇ. مالىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى تروپىك چوڭ ئىقلىم بىلەن تروپىك ساۋاننا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالدىكى قۇملۇقلاردا 100 مىللىمېتىر، غەربىي جەنۇب قىسىملىرىدا 500-800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 7 مىليون 530 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ % 90نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، بەنبالا، فولىبى، مالىنكې، سېنوپى، سانگاي قاتارلىق مىللەتلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز تىلى بار. بەنبالا مىللىتىنىڭ ئۆز يېزىقى بار. باشقا مىللەتلەرنىڭ يېزىقى يوق. ئاھالىنىڭ % 68ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بەنبالا تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. مالى غەربىي ئافرىقىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ جايدىكى خەلقلەر 8 - ئەسىردە سېنېگال دەرياسى بىلەن نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن ئارىلىقىدىكى كان - گابا شەھىرىنى مەركەز قىلغان پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان. ئۆستەڭلەرنى قېزىش ئارقىلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ فرانسىيە بېسىپ كىرگەن. 1904 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىنىڭ دائىرىسىگە قوشۇلغان. 1920 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1959 - يىلى سېنېگال - مالى بىرلەشمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1959 - يىلى 6 - ئايدا مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان، 1959 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى دۆلەت نامىنى مالى جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 960 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. مالى ئىقتىسادىيي جەھەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 8.5 (1983) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك رايونلىرى نېگىر دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، تېرىلغۇ يېرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ ئاران %9.4 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا غەربىي ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئاساسلىق تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر، قوناق، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، خاسىڭ، شېكەر قۇمۇشى، يەرلىك ھەرخىل مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقى يېزا ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، چارۋىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى
جەھەتتە ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، تۆگە بېقىلىدۇ. سانائىتى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ھازىر بار بولغان توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، سەرەڭگە، تېرە - خۇرۇم، شال ئاقلاش، چاي، سېمونت، ياغ چىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران% 12 نى تەشكىل قىلىدۇ.
مالىنىڭ تولۇق نامى <مالى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقا سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. 1960 - يىلدىن بۇرۇن ئىزچىل فرانسىيىگە تەۋە سۇدان دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مىلادى 11 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرلەرگىچە نېگىرلار ئىشلەتكەن مالى ( Mali) دېگەن نامى ئەسىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەينى چاغدىكى مالى رايونى ھازىرقىدىن كۆپ چوڭ ئىدى. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، ھايۋانات نامىدىن پەيدا بولغان. مالى غەربىي ئافرىقىدىكى بىر تارىخى ئۇزۇن قەدىمكى دۆلەت، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، مالى تەۋەسىدىكى نېگىر دەرياسىدا زور مىقتاردىكى بېگىموت ياشىغان، بېگىموت غەربىي ئافرىقىدا كۈچ - قۇدرەتنىڭ سىمۋول بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۆز دۆلىتىنىڭ نامى قىلىپ <مالى> دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز غەربىي ئافرىقىدىكى مونتىكو تىلىدا <بېگىموت> مەنىىسدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە مىسلىسىز قۇدەرەتلىك بولۇشىغا تەمسىل قىلىنغان؛ ئىككىنچى، مالىنىڭ ئەسلى مەنىسى پادىشاھنىڭ تۇرار جايى. تەخمىنەن مىلادى 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا مونتىكولار قۇرغان كونزابور دۆلىتى پەيدا بولغان. 1230 - يىلى بۇ دۆلەتنىڭ داھىسى سونگاتا كېتتا شاھلىق تەخىتكە ئولتۇرۇپ، مالى پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىپ، پايتەختنى نېگىر دەرياسى ساھىلىدىكى يېڭى شەھەر نىئانىغا كۆچۈرۈپ كېلىدۇ، كېيىن نىئانى <مالى> دەپ ئاتىلىدۇ. مالى 1895 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، فرانسىيىگە قاراشلىق سۇدان دەپ ئاتالغان. 1904 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا شىتاتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1958 - يىلى 11 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى <ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت> بولۇپ، سۇدان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى مالى جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن.
مالىنىڭ يەر مەيدانى 1.24 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 920 مىڭ. بەنبارا مىللىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھاىنىڭ % 68ى ئىسلام دىنىغا، % 30ى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز ۋە بەنبارا تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى باماك، پۇل بىرلىكى مالى فرانكى.
مالى ئىلگىرى گانا، مالى، سونگاي قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى فېئودال پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىي رايونى ئىدى. 1895 - يىلى فرانسىيە مالىنى بېسىۋىلىپ، كېيىن فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسىدىكى بىر < ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەت > بولۇپ، قالغان، 1959 - يىلى ئاپرېلدا، مالى بىلەن سېنگال < مالى فېدېراتىسىيسى > نى قۇرۇپ، فرانسىيەنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىغا ئاساسەن پان ئافرىقا تۈسكە ئىگە ئۈچ خىل رەڭدىكى دۆلەت بايرىقىنى لايھىلەپ چىققان. ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق ئورۇنغا قەدىمكى ئافرىقا نىگېرلىرى سىمۋول قىلىنغان سۈرەت سىزىلغان. 1960 - يىلى فېدېراتىسيە پارچىلىنىپ، مالى رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن مالى جۇمھۇرىيىتى ئەسلىدىكى نىگېرلارنىڭ باش سۈرىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ساپ يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل رەڭنى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قىلغان. يېشىل رەڭ مۇسۇلمانلار ياقتۇرىدىغان رەڭ بولۇپ، يەنە مالىنىڭ مۇنبەت كەڭ زېمىنىنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆرسەتكەن؛ سېرىق رەڭ پاكلىق ۋە تەبئىي بايلىقنى بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مالىلىقلار تۆككەن ئىسسىق قانغا سىۋول قىلىنغان.
چۆرىسى يېشىل، تېگى قىزىل دۈگىلەكسىمان دۆلەت گېربى كۆركەم - ھەشەمەتلىك بىر بىنانى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلغان، ئۇ بىر مەھەل گۈللەنگەن تىمبۇكتۇ شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەھەر قەدىمكى مالىنىڭ پايتەختى بولۇپ، ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن ئافرىقا مەدەنيىتى مۇشۇ جايدا ئۇچىرشىپ بىرلەشكەندى، ئۇ قەدىمكى مالىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ۋە مالىلىقلارنىڭ ئىپتىخارىدۇر. ئالتۇن رەڭلىك بىنانىڭ ئالغا بېسىش يولىنى يېڭىلاپ، تارىختىكى جەزبىدارلىقى بىلەن شان - شۆھرىتىنى چوقۇم نامايان قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ قۇياشنڭ ئىككى يېندا ئېتىشقا تەييارلانغان ئوقيا - ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم قەسەمىدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ يېشىل رەڭلىك چەمبرەكسىمان ئورنىغا فرانسۇزچە < مالى جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت، ئاستىغا < بىر مىللەت، بىر مەقسەت، بىر ئېتقاد> دېگەن خەت يېزىلغان.