Uyghur→ChineseMain Dictionary
بريۇسسېل يىغىنى
دۇنيا تارىخى
布鲁塞尔会议
bù lǔ sài ěr huì yì
(1) گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىىسنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئاچقان ۋەكىللەر يىغىنى. 1935-يىل 10-ئاينىڭ 3-، 10-كۈنلىرى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال 7-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، پارتىيىنىڭ تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى ئۆزگەرتكەن. نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىشچىلار سىنىپىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، فاشىزمغا قارشى خەلق سېپىنى قۇرۇش، فاشىزمنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتنى قۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ ھېسابلىغان، پارتىيىنىڭ داھىيىسى تېلماننىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ پىكنى پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىغان. (2) 1937-يىلى 11-ئاينىڭ 3 - 24-كۈنلىرى، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، نورۋىگىيە، شۋېتسيە، دانىيە، مېكسىكا، بولۋىيە ھەم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىن 1937-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە لۇگۇچياۋ ۋەقەسىن پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭەو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىتتىپاققا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى>، <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <خەلقئارا ئىتتىپاق شەرتنامىسى> گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن <ئىتتىپاق شەرتنامىسى> گە ئاساسەن زۆرۈر تەدبىر قولىنىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلتىيى <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى> تۈزگەن دۆلەتلەر يىغىنىنى چاقىرىشنى قارار قىلغان ھەمدە يىراق شەرقتە پەۋقۇلئاددە مەنپەئىتى بار باشقا دۆلەتلەرنىمۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. جۇڭەو ۋەكىلى گۇۋېيجۈەن يىغندا ياپونىيىنى ئىقتىسادىي جگھەتتىن جازالاشنى، ياپونىيىگە قەرز پۇل بېرىش ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر چىقىرىشنى توختىتىشنى ھەمدە جۇڭگوغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ياپونىيىگە قارىتا مۇرەسسەچىلىك، مادارچىلىق مەيدانىنى قوللانغانلىقتىن جۇڭگونىڭ ھەققانىي تەلىپى رەت قىلىنغان. يىغىن ئېلان قىلغان خىتابنامىدە پەقەتلا ياپونىيىگە <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىى> دا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلىرىغا ھۈرمەت قىلىش مۇراجىئەت قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئاق - قارىنى ئايرىمايلا جۇڭگو، ياپونىيە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم جۇڭگونى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش تىلغا ئېلىنمىغان ھەم ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللىنىلمىغان. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تېخىمۇ تەپ تارتماستىن كېڭەيتكەن.