Uyghur→ChineseMain Dictionary
بېرن يىغىنى
دۇنيا تارىخى
伯尔尼会议
bó ěr ní huì yì
گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىشىنى توسۇش يولىدا چاقىرغان ۋەكىللەر يىغىنى. 1939-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈندىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شۋېتسارىيىنىڭ بېرندا ئېچىلغان. يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن. <چوڭ گېرمانچىلىك> ۋە <نېمىس مىللىتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى> شوئارى - ناتسىستلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىدىكى باھانىسى، <بېرلىن - رىم - توكيو ئوق مەكرىزى> - تىنچىلىق ۋە گېرمانىيە مىللىي مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئىتتىپاقى، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىنى توسۇش ھەربىر گېرمانىيىلىكنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. يىغىن فاشىستلارنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن؛ فاشىستلار ئۆكتەملىك بىلەن ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ گىتلېر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلغان ھەمدە يېڭى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.