UyghurMain Dictionary
قولى ئۈزۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئوقىتى ناچار، تۇرمۇشى قىيىن كىشى.
كەمبەغەل دېھقان؛ شەھەر كەمبەغەلى. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق. نامراتلارنى يۆلەش كېرەك. نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش. ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن. گاداينىڭ بالىسى، باينىڭ كالىسى. ئۇ بىچارە قاششاق ئادەم. ھەممىسىدىن ئايرىلدىم، قاق سەنەم بولۇپ قالدىم. قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا. قولى ئۈزۈكنىڭ قولى گەجگىسىگىمۇ يەتمەيدۇ. كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا - قازا يوقسىزغا. يوقسۇلغا يولدا يولۋاس ئۇچراپتۇ. مەن بىر ئۇرۇق ئات، رەھىم قىلسىلا.
شىۋىلەر
يوقسىزلىق، نامراتلىق.