UyghurMain Dictionary
ئۈزۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۈزۈلگەن ئۈزۈلۇپ كەتكەن.
ئۈزۈك يىپ. * ئۈزۈك ئارغامچا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
سوزماق، ئۈزۈپ ئېيتىلىدىغان.
ئۈزۈك تاۋۇش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. قولغا سالىدىغان زىننەت بۇيۇمى.
ئالتۇن ئۈزۈك. * ئۈزۈك سالماق.* ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئۆزىدە، ئۈزۈكنىڭ قىممىتى كۆزىدە (ماقال).*بارمىقى يوققا ئۈزۈك سوۋغا قىلما (ماقال).
2. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سايمىنى . پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈزۈك سالىدىغان بوپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بارماققا سېلىپ يۈرىدىغان زىننەت بۇيۇمى، ئالتۇن - كۈمۈش، قاشتاشتىن ياسىلىدۇ.
<ئەڭگۈشتەر> كۆچمە مەنىدە <ئۈنۈملۈك چارە>.
<بالچۇق> تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز. جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتىرى: پارتىيە: پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي قوشۇن: پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىرلىك سەپ. ئۇ يېقىممۇ ئالچۇق، بۇ يېقىممۇ ئالچۇق، ئەجەب ئوبدان ياراشتى، يارىم بەرگەن بالچۇق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇدۇك، كۆيۈك.
ئىشىق - مۇھەببەتنىڭ قوزغىلىشى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۈزۈك مېنى قومتتى
ساقىچ ماڭا يۇمتتى
كۆڭلۈم ئاڭار ئەمتتى
يۈزۈم مەنىڭ سارغىرۇر
{ئۇزۇك (سۆيگۈ) مېنى ھاياجانغا سالدى،
قايغۇ ماڭا توپلاندى.
كۆڭلۈم ئۇنىڭغا تەلپۈندى،
يۈزۈم مېنىڭ سارغىيار.}
يارغا بولغان ئىشق - مۇھەبىتىم مېنى ھاياجانغا سالدى، قايغۇ - ئەلەملەر ماڭا توپلاندى، كۆڭلۈم ھەمىشە يارغا ئىنتىلىدۇ، شۇڭا مېنىڭ يۈزۈم سارغاياقتا.
1 -93
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوغۇم، ھىجا.
بىتىك ئۈزۈكلەدى _ كىتابنى ھەجىلىدى. ھىجا ھەرپلىرىنىڭ ھەر بىرىمۇ « ئۈزۈك» دېيىلىدۇ. «ز» ھەرپى ئىككى مەخرەج ئوتتۇرىسىدا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ نە ئۈزۈك ئول _ بۇ قانداق ھەرپ؟
1 - 97
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئۈزۈلگەن، ئۈزۈلۈپ كەتكەن، ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئۈزۈك ئارغامچا. ئۈزۈك يىپ. ئۈزۈك ياغاچ.
ئى. بىرەر نەرسىنىڭ ئۈزۈلگەن يېرى، ئۈزۈلگەن ئۇچى.
ئارغامچىنىڭ ئۈزۈكىنى ئۇلىماق. توك سىمىنىڭ ئۈزۈكى.
سۈپ. قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان، ئۈزۈلۈپ چىقىدىغان، سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنمايدىغان.
ئۈزۈك ئاۋاز بىلەن <دوستۇم... نەگە... نەگە بارىسىز> - دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
سۈپ. قىسقا، ئانچە ئۇزۇن ئەمەس.
ئۇلار كىچىككىنە ئۈزۈك سايدىن ئۆتۈپ، قارىيىپ تۇرغان مەھەللە دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن <چېقىر كۆز> سورىدى.
سۈپ. كۆچمە. ئازار يېگەن، سۇنۇق.
ئۇ بىچارىنىڭ دىلى بەكمۇ ئۈزۈكتەك كۆرۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەرنىڭ قول بارماقلىرىغا سېلىش ئۈچۈن مېتالدىن ياسالغان ھالقىسىمان زىننەت بۇيۇمى.
ئالتۇن ئۈزۈك. ئۈزۈك سالماق.
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز (ماقال).
تۇغۇتنى چەكلەش ئۈچۈن ئاياللار جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇلىدىغان ھالقىسىمان نەرسە.
ئۈزۈك سالماق.