UyghurMain Dictionary
تۈزلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئېگىز - پەس، ئەگرى - بۈگرىسىنى يوقىتىپ تۈز، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك، تۈز قىلماق.
قىرنى تۈزلىمەك. يولنى تۈزلىمەك.
كۆچمە. يىقىتماق، چۇۋۇماق.
يەنە ئون باراۋەر كۆپەيتىپ ئالتۇن كۈمۈش بېىسەن، بولمىسا ئوردىنى تۈزلىۋېتىمىز!
پۈرلەشكەن، تۈرۈلگەن جايلىرىنى تەكشى، سىلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئۇ ئىزاھنامە يېزىلغان قەغەزلەرنى بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ، چېرتيوژنىڭ يۆگىكىنى يېيىپ تۈزلىدى.
كۆچمە. يامان ئوي - خىيال، ئەيىبلەردىن خالىي قىلماق؛ ياخشىلىماق.
- ئەڭ ياخشىسى، قولۇڭدىكى شاخنى قويۇپ بېرىپ، ئۆيۈڭگە كەت، ئۆزۈڭنى تۈزلە ۋە بالاڭنىمۇ ئاسرىغىن، - دېدى بوۋاي گېپىمنى تارتىۋېلىپ.