UyghurMain Dictionary
تۈپلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بۇغداي، شال قاتارلىق زىرائەتلەر يىلتىزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاساسىي غولىنىڭ يېنىدىن قوشۇمچە غول، شاخلارنى چىقارماق، شاخلىماق.
قارامتۇل بولۇپ تۈپلەۋاتقان كۈزگى بۇغداي بۇ يىل ناھايىتى تەكشى بولۇق ئىدى.
كىتاب بەتلىرىنى، گېزىت - ژۇرنال قاتارلىقلارنى رەت تەرتىپى بويىچە بىرلەشتۈرۈپ تىكمەك، مىخلىماق.
ئۇ خىلمۇخىل ژۇرناللارنى باشقىدىن تۈرگە ئايرىپ، توپلام قىلىپ تۈپلەپ چىققانىدى.