UyghurMain Dictionary
جامال پاشا
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1922) 1913 - 1918 - يىللىرىدىكى ياش تۈركىيە پاتىيىسىدىكى <ئۈچ كاتتىباش دىكتاتور> نىڭ بىرى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى ئىستانبۇل قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، ياش تۈركىيە پارتىيىسىگە كىرگەن. 1913-يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى ۋە ئىستانبول قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى ئەنۋەر پاشا، تالات پاشا بىلەن بىرلىكتە گېرمانپەرەس سىياسەتنى ئىجرا قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ماسلشىپ جەڭ قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن يەنە روسىيىگە بارغان. 1922-يىلى تىبلىستا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.