UyghurMain Dictionary
پاشا
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
چىۋىن.
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پاشىلار ئىچىدىكى ئەڭ يىرگىنىچلىكى ئادەم قېنىنى شورايدىغان پاشا. چىشى، ئەركەك پاشىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى پەقەت ئوخشىمايدۇ، ئەركەك پاشا »گۆشسىز تاماق يەيدۇ«، ئۇ مەخسۇس ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل شىرنىسى ۋە مېۋە، غول، يوپۇرماقلارنىڭ شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. چىشى پاشا ئاندا - ساندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىرنىسىنى تېتىپ كۆرىدۇ، لېكىن چېتىشقاندىن كېيىن قان شورىماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ قان شورىغاندىن كېيىنلا ئاندىن تۇخۇمدىنى يېتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ قېنىنى پەقەتلا چىشى پاشا شورايدۇ.
پاشىنىڭ بىر جۈپ سېزىش بۇرۇتى ۋە ئۈچ جۈپ پۇتىغا نۇرغۇن ئايلىنىپ ئۆسكەن سېزىش تۈكلىرى تارقالغان بولۇپ، ھەربىر سېزىش تۈكىگە يۇمىلاق ياكى سوقىچاق ئۇششاق تۆشۈكلەر زىچ تىزىلىدۇ. كېچىسى پاشا مۇشۇ خىل سېزىش ئاپپاراتىغا تايىنىپ، ئادەم ھاۋاغا چىقارغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سېزىپ، مىڭدىن بىر سېكۇنت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قېنىنى شورايدىغان ئوبيېكتى بار جايغا دەلمۇ دەل ئۇچۇپ بارالايدۇ. پاشا قان شوراشتىن بۇرۇن تەركىبىدە ئانتىكوئاگۇلىن (قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى ماددا) بار شۆلگەينى تېرە ئاستىغا كىرگۈزۈپ، قان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاننى ئۇيۇپ قالمايدىغان سۇيۇق قان پلازمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن تېنىدە ساقلىنىپ قېلىپ ھەزىم بولمىغان كونا قاننى قۇسۇۋېتىپ، يېڭى قاننى شورايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا10 مىڭ دانە پاشا چاقسا، شۇ ئادەمنىڭ قېنىنى تامامەن شوراپ بولىدۇ.
پاشا قان شوراشتا تېخى »سېمىزىنى تاللاپ، ئورۇقىنى شاللىۋېتىپ« مەخسۇس ئۆزىگە تېتىغۇدەك ئوبيېكتنى ئىزدەيدۇ. پاشا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ ياستۇقى يېنىدا »غىڭىلداپ« چۆرگىلىگەندە يېقىن ئارىلىقتىكى سېزىش ئاپپاراتىغا (سېزورلىرىغا) تايىنىپ تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە تەرنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنى سېزەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاشا ئالدى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى، كۆپ تەرلەيدىغان ئادەمنى چاقىدۇ. چۈنكى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كۆپ تەرلەيدىغان ئادەمنىڭ تېنىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان پۇراق تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتا، سۈت كىسلاتا ۋە ئاممىياك تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، پاشىنى ناھايىتى ئوڭاي جەلپ قىلىدۇ.
پاشىنىڭ ئاساسلىق زىيىنى كېسەل تارقىتىش. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، پاشا تارقىتىدىغان كېسەللىكلەر80 خىلدىن ئاشىدىكەن. يەر شارىدا ھېچقانداق ھايۋاننىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى پاشىنىڭكىدەك ئۇنداق زور بولمايدۇ.
دۇنيادا پاشىنىڭ2000 دىن ئارتۇق تۈرى، دۆلىتىمىزدە140 دىن ئارتۇق تۈرى بار. كېسەل تارقىتىدىغان چوڭ پاشىلار ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى، ئانوفېلېس پاشىسى ياكى بەزگەك پاشىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى بەزگەك كېسىلىنى تارقىتىدۇ، ئىككىنچى خىلى، كۇلېكس پاشىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى قىل قۇرت كېسەللىكى ۋە تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى كېسەللىكىنى تارقىتىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، ئېيدېس پاشىسى دەپ ئاتىلىدۇ، تېنىدە ئاق - قارا داغلىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن قارا داغلىق پاشا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋە دېنگې قىزىتمىسىنى تارقىتىدۇ.
ياز كۈنلىرىدىكى مۇۋاپىق مۇھىتتا چىشى پاشا تۇخۇمىنى سۇغا تۇغىدۇ.1 −2 كۈندىن كېيىنلا لىچىنكىسى تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ئۇ پاشا لىچىنكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پاشا لىچىنكىسى تۆت قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن قورچاققا ئايلىنىدۇ، قورچىقى سۇدا داۋاملىق2 −3 كۈن ياشاپ، قانات چىقىرىپ يېتىلگەن پاشىغا ئايلىنىدۇ. بىر ئەۋلاد دەۋرنى تاماملاش ئۈچۈن تەخمىنەن10 ~12 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، بىر يىل ئىچىدە7 −8 دەۋر كۆپىيىشى مۇمكىن.
پاشا يوقىتىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكلەرنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.
دۇنيا تارىخى
تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەر ئىشلەتكەن نام. <پاشا> پارىس پارىس تىلىدىكى پادىشاھ دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئالىي قوماندانىنىڭ نامى ئىدى، كېيىن ئىمپرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. تۈركىيىدە (1934)، مىسىردا (1959)، ئىراقتا (1958) يىللىرى ئىلگىرى ـكېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغان. ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر داۋاملىق قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ ھەم مەخسۇس مەنسەپمۇ ھېسابلانمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
ھاشارات، يېتىلىگىنىنىڭ تېنى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن گەۋدىسىدىن بىر جۈپ قانات ۋە ئۈچ جۈپ ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرى بولىدۇ؛ لىچىنكا ۋە قورچاقلىرى سۇدا يېتىلىدۇ؛ ئەركىكى ئۆسۈملۈك شىرنىسى بىلەن، چىشىسى ئادەم ۋە ھايۋان قېنىنى شوراش بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ؛ بەزگەك، يۇقۇملۇق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇنقى چاغلاردا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان نامى. خوتۇن - قىزلارنى چاقىرىشتا ھۈرمەتلەش ياكى ئەركىلىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
پاشا قىز، گۈلمىرە پاشا.
خوتۇن - قىزلارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلۇقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىيلەرگە بېرىلگەن ئۇنۋان. گېنېرال.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
پاشاگۈل، پاشاخان، پاشايىم، پاشاقىز
بۇ، پارسچە <پادىشاھ> دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، تۈرۈكلەردە <ئەپەندى، ئۇستاز، خوجا> دېگەن مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ، ئۇيغۇرلاردا بولسا ئاياللارنىڭ ئىسمى ياكى ئەرلەرنىڭ قوشۇمچە ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ ۋە كۆپىنچە شاھ تەرىزدە قوللىنىلىدۇ