UyghurMain Dictionary
پارا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەتتە قانۇنسىز بەرگەن - ئالغان پۇل - مال.
«ئارىلىق» ، «رىشۋەت» ھازىر پاسسىپ سۆزلەر.
قازى يېسە گەر بەش تەرخەمەك پارا، يۈز دەررە ھۆكۈمىگە تاپىدۇ چارە. پارىغا ۋىجدانىڭنى بۇلغىما. ئارىلىق ئالغان ئارىدا تۇرالماس. رىشۋەت _ بۇزۇق ئەمەلدارنىڭ بەلگىسى. خىيانەت _ جىنايەت. خىيانەت ھەقىقەتنى بۇرمىلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مەلۇم بىر مۇددىئا ياكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ ئىش بىلەن ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇندىن تاشقىرى بېرىلگەن پۇل ياكى ماددىي نەرسە؛ ئارىلىق.
پارا بەرمەك. پارا ئالماق. پارا يېمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
قوشۇنلار ۋە پائالىيەت دۈيلىرىنىڭ ھەرىكەت تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك كۆرەك.
ھەربىي پارات.
كۆرەكتە بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە كىيىنىش بىلەن مەيداندىن تەنتەنە قىلىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى.
تەنھەرىكەتچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.