UyghurMain Dictionary
پاراق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دېھقانلار دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان، دېھقانچىلىق بېجىغا بېرىدىغان ئاشلىق، غەللە، دەھيەك ۋە لەڭ.
غەللە - پاراق. * پاراق تاپشۇرماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
قاتتىق كۈلكىنىڭ، سۇنىڭ قاينىشىدىن چىققان ئاۋاز.
كىشىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. * پاراقلاپ قاينىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرىلغان يەرگە قاراپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدىغان دېھقانچىلىق بېجى ياكى شۇ باج ھەققى ئورنىدا بېرىلىدىغان سېلىق ئاشلىق.
دېھقانلار بۇ يىل پاراقنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
كىشىلەرنىڭ قاتتىق كۈلۈشى ۋە سۇنىڭ قاينىشىدىن چىققان ئاۋاز.
ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىشىم بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىن پاراق قىلىپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.