—Reference
تېرە پۇل
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تېرە پۇل - بۇ، قەدىمكى زاماندا قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان ياكى پۈتۈن تېرە پېتى ئىشلىتىلگەن پۇل بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 119 - يىللىرى) تېرە پۇل تارقىتىلغان. بۇ پۇل خان ئوردىسىدىكى ئاق بۇغا تېرىسىدىن ھەر بىر پارچىسى بىر چاسا چى چوڭلۇقتا ياسالغان بولۇپ قىممىتى 400 مىڭ داچەنگە باراۋەر بولغان. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرمۇ ھەر خىل قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى مال ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلغان ھەمدە ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە ئوردىغا تارتۇق قىلىشقان.