—Reference
پۇل
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پۇل - يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن تۆشۈكچە يارماق (ياكى پۇل) بولۇپ، مىستىن قۇيۇلىدۇ. ئېغىرلىقى ئىككى مىسقال. ئەينى دەۋردە قېزىۋېلىنغان مىس ئاز بولغاچقا، كونا پۇللار يىغىۋېلىنىپ قايتىدىن يېڭى پۇل قىلىپ قۇيۇپ تارقاتقان. بىر يېڭى پۇلغا ئىككى كونا پۇل ئالماشتۇرۇلغان. يېڭى پۇلنىڭ ھەر بىر يارمىقى 1 پۇل، 50 پۇلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە، بىر كۈمۈش تەڭگە بىر سەر ئېغىرلىقتىكى كۈمۈشكە تەڭ بولغان. (بۇ كۈمۈشتىن قۇيۇلغان پۇلدۇر. بىر تەڭگە بىر سەر كۈمۈشكە تەڭ).