UyghurMain Dictionary
جىڭ باسماق
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
سالمىقى بولماق، تۇتامغا چىقماق، ئاساسلىق. مەسىلەن: جىڭ باسمايدىغان گەپلەر _ تۇتامغا چىقمايدىغان ئاساسسىز گەپلەر؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار جىڭ باسىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئەھمىيەتلىك، ۋەزىنلىك دەپ قارالماق، پۇت تىرەپ تۇرماق: «مەيلى، بىر ئادەمنىڭ نامىدىن ئىنكاس قىلسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلار جىڭ باسىدۇ» دەپ ئويلىدى شەھەر باشلىقى تۇرسۇن.