UyghurMain Dictionary
باسماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («باس Ⅱ نىڭ 8 -» سىگە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ماق» قوشۇلغان).
ئۇششاق قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قاپقان.
باسماققا قۇشقاچ چۈشۈپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يازلىق يېنىك ئاياغ. باسماق، سەندەل، كەش.
يازدا باسماق كىيىۋالماق پۇتقا ھوزۇر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
«باس Ⅱ» نىڭ ھەرىكەتنامى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
شىۋىلەر
ئاقسۇ شىۋىسى
تاختا مۈشۈك (بەزى جايلاردا قۇشقاچ تۇتىدىغان نەرسىنى «باسماق» دەيدۇ).
شىۋىلەر
كۇچار شىۋىسى
سەندەل ئاياق، ساپما ئاياق، باشماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇتنى ئۆتۈشتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرمەك.
ئۇ داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرۈپتۇ. ئاستا يۈرگەن تاغ ئاشار. نېسىۋەڭ تاپالمايسەن، ئولتۇرساڭ قېلىپ ھايال، سۇ ھەم دان كەينىدىن ماڭ تۈگمەن تېشى سال. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى - ئارقاڭنى بىلىپ باس. قەدەم تاشلىغان ئىكەنسەن، ئىشىڭ ھەق ئىكەن. ئىككىلەنمە، ئارقىغا قايتما. تۆگە خورمىزارغا قەدەم قويسىلا، ئاغزى مەزە قىلار، تىكەن يېسە ھەم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① يايماق؛ ② باسماق، يەڭمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇششاق ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان.
باسماق قۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاسما بىلەن ئۈستىدىن باستۇرۇپ ئېتىدىغان پەس پاشنىلىق بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىم.
ئۇ ياز كۈنلىرى دائىم پۇتىغا باسماق كىيىپ يۈرەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يول يۈرمەك، دەسسىمەك، ماڭماق.
ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال).
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە باشقا نەرسىنى قاچىلىماق، جايلاشتۇرماق.
ماشىنىغا ئوغۇت باسماق.
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچ بىلەن نىقتىماق.
ئاسىم ئۇنىڭ مۈرىسىدىن باستى.
قاپلىماق، ئورىماق.
ئايرىلغاننى قارا باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال).
ھاۋانى تۇمان باستى.
نەشر قىلماق.
مەن بولسام يازىمەن، ماۋۇ ئاغىنەم تۇردى بولسا كىتاب - ماقالە باسىدۇ.
ئۈستۈن كەلمەك، ئارتىپ كەتمەك، ئېشىپ چۈشمەك.
نەيگە تەڭكەش قىلىنغان بىر غېجەكنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى نەينىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتكەنىدى.
ياقماق، تەگكۈزمەك.
باغرىغا باسماق.
بىر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئىز چىقارماق، تىكمەك.
كەشتە باسماق. تامغا باسماق.
پەسەيتمەك، تىنچىتماق، ھاي بەرمەك، يالتايماق.
ئۆزىنى باسماق.
ئۇرماق.
دەررىگە باسماق.
ئۈستى - ئۈستىگە قويماق، تەخلىمەك.
چۆپ باسماق.
كۆچمە. زورلۇق بىلەن مەنئى قىلماق، توسماق، تىنچىتماق.
ئاممىنىڭ پىكرىنى باسماق.