UyghurMain Dictionary
ھىشام ئىبنى ھەكەم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزىپىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۆلىما. كۇفەلىك بولۇپ، كېيىن ئىراققا بېرىپ پائالىيەت قىلدى. تەشبېھىيە تەرەپدارى. ئىلاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار شەيئىلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىلىملەر ئۈستىدە ئەبۇ ھۈرەيل ۋە مۇئتەزىلىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن مۇنازىرىلەشتى ھەمدە چەتكە قېقىلدى؛ ئون ئىككى ئىمامچىلار شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان قاراشلىرى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلدى. ئەگەشكۈچىلىرى ھىشامىيەلەر ياكى ھەكەسىيەلەر دەپ ئاتالدى. ھىشام بىننى ھەكەم نۇرغان ئەسەر يازغان بولسىمۇ، ئەسەرلىرى ساقلىنىپ قالمىغان.