UyghurMain Dictionary
ئىبنى ھەنبەل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ھەنبەلىيەگە ئاساس سالغان ئادەم. باغداتنىڭ ئىمامى. باغداتتا دۇنياغا كەلگەن. ئىمام شافىئىيىدىن ئىلمىي فىقھە ئۆگەنگەن. ئىمام شافىئىي مىسىرغا كەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا مەزھەپ قۇردى. شەرىئەت تۈزگەندە <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر مەنىسىگە ئەھمىيەت بەردى، ئەنئەنىدە چىڭ تۇردى، ھەدىسنى كەڭ تەتبىق قىلدى، قىياسنى ئاز ئىشلەتتى. شەخسنىڭ پىكرىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئىجمائنى قوللىنىشنى كۆزگە ئىلمىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنىدا <قۇرئان كەرىم> دە باشقا، ھەدىس خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان بىردىنبىر ئاساس ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. ئاز ساندىكى ئادەملەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ توغرا دەپ قارالغانلىىرنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا ئىبنى ھەنبەل تۈزگەن <مۇسنەد شېرىف> ئالدى. ئىبنى ھەنبەل سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت ئەھلى فىقھەنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ ئادەم، دەپ قارالدى. مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان دېگەن تەشەببۇسىنى خەلىپە مەئمۇن (813 - يىلىدىن 833 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن مۆئتەسىم (833 - يىلىدىن 845 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قوبۇل قىلغان ھەمدە دىنىي ئۆلىمالارنىمۇ قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا ئىبنى ھەنبەل گەپ قىلماي تۇرۇۋالغانلىقتىن، تۈرمىگە تاشلاندى، قاتتىق ئۇرۇلدى. كېيىن مۇئتەزىلىيە قارىشىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. ھەنبەلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن شەكىللەنگەن ھەنبەلىيەلەرمۇ مۇئتەزىلىيە قارىشىدىكىلەرگە ئوخشاش ۋاستىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى. ھەنبەلىيە ئەنئەنچىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئىبنى ھەنبەل باغداتتا ئالەمدىن ئۆتتى.