UyghurMain Dictionary
مالەيچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1681 - 1766)جۇڭگودىكى ئسىلام دىنىغا تەۋە خۇفىيەنىڭ خۇامېنسى سۈلۈكىنى قۇرغان ئادەم. ئەرەپچە ئىسمى ئابدۇخەلىم. يۇرتى شەنشى چاڭئەن. كېيىن خېجۇ (ھازىرقى لىڭتۇڭ) غا كۆچۈپ كەتكەن، خۇيزۇ. بوۋىسى ماسۇڭشەن قوشۇنىدا سانغۇن بولغان. دادىسى خېجۇدكى چوڭ باي بولۇپ، <ماشۈەن> دەپ داڭق چىقارغان. مالەيچى تۇغۇلغاندا دادىسى ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا <لەيچى> (كېيىن قالغان) دەپ ئىسىم قويغان. مالەيچى سەككىز يېشىدىن باشلاپ، ماخەنچىڭدىن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەندى. كېيىن تەيبابانىڭ يېتەكلىشى بىلەن مەدرىسىدە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى ئوقۇپ بولدى. كاڭشىنىڭ 37 - يىلى (1698) دىن باشلاپ شىنىڭ، خېجۇ ئەتراپىدا مەدرىسە ئاچتى. يۈنجىڭنىڭ 6 - يىلى (1728) ئەرەب دائى شەيخ ھېزقۇبىل بىلەن گۇاڭجۇ ئارقىلىق مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلدى ھەمدە يەمەن، باغدات، دەمەشىق ۋە قاھىرە قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي داھىيلارنى زىيارەت قىلدى؛ خۇپىيە زاۋىيەسىدىكى شەيخ مۇھەممەد بىننى ئەھمەد ئاقىلنى ئۈچ يىل ئۇستاز تۇتتى ھەمدە تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما موللا مەخدۇمنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد بىننى ئەھمەد ئاقىل ئۇنىڭغا دىنىي تەبلىغات ئۈچۈن سەككىز دانە بۇيۇم بەردى. بۇ ئارىلىقتا مالەيچى نەقىشبەندىيە، شازىلىيە، قادىرىيە ۋە سۇھرەۋەردىيە ئەقىدىلىرىنى ئۆگەندى. يۈنچىڭنىڭ 6 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، خۇاسى سۈلۈكىنى بەرپا قىلدى. خېجۇ، شۇنخۇا، شىنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى خۇيزۇلار، سالارلار ئارىسىدا خۇپىيە ئەقىدىسىنى تارقاتتى ھەمدە تەكلىپكە بىنائەن يۈننەن، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەز ئېيتتى. ئاغرىپ قېلىپ ۋاپات بولغاندا خېجۇدا دەپنە قىلىندى.