UyghurMain Dictionary
بابۇن
بىئولوگىيە
پاۋىئان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىمانلار ئەترىتى، مايمۇنلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئەرەب بابۇنىنى كۆرسىتىدۇ. ئەركەك - چىشىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەركىكىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 70 - 75 سانتىمېتىر، بېشىنىڭ ئىككى يېنىدىن تارتىپ مۈرىسىگىچە ئۇزۇن يۇڭلار ئۆسكەن بولۇپ، كۆرۈنۈشى يامغۇرلۇق چاپانغا ئوخشايدۇ. قۇيرۇقىدا بىر تۇتام يۇڭى بولىدۇ. بۇرۇن ئارىلىقى تار، بۇرۇن تۆشۈكى ئالدىغا ئېچىلغان، باشمالتىقى (باش بارمىقى) باشقا بارماقلىرىغا ئۇدۇل تۇرالايدۇ. قۇيرۇقى ئىنچىكە، چىرمىشىش خۇسۇسىيىتى يوق. قوۋۇز خالتىسى ۋە ساغرا قاداقچىسى (كاللوزىسى) بولىدۇ. تۆت پۇتى توم، ئۇزۇنلۇقى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بېشى چوڭ، تۇمشۇقى ئىتلارنىڭكىدەك ئالدىغا ئۇزىراپ چىققان (ئەركىكىنىڭ ئۇزۇن، چىشىسىنىڭ قىسقا). يۇڭى سۇس قوڭۇر، كۈل رەڭ، يۈزى گۆش رەڭ، سىلىق، يۇڭسىز بولىدۇ. پۇت - قولى قارا، يېرىم چۆللۈك رايونلاردىكى شالاڭ ئورمانلىقلرنىڭ قورام تاشلىق تاغ باغرىلىرىدا توپلىشىپ ياشايدۇ. توپ بېشى بولىدۇ. دائىم بىرلىشىپ قوزا - پاقلان قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ تۇتىدۇ. خۇسۇسىيىتى يىرتقۇچ، كۈچلۈك، دائىم توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ. ھەرخىل ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر، ھاشارات ھەم كىچىك تىپتىكى يەر باغىرلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بەزىدە توپلىشىپ زىرائەتلەرنى ئوغرىلاپ يەيدۇ. ئۇ ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان. ئۇنى كۆندۈرۈپ بېقىش ئارقىلىق قاراۋۇللۇققا قويۇش، مېۋە يىغىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە كۆرگەزمە ۋە تەجرىبىگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشتا يەنە سېرىق بابۇن، چوڭ بابۇن، گىۋىنىيە بابۇنى قاتارلىقلار بولۇپ، ياشاش ئادىتى ئەرەب بابۇنىغا ئوخشايدۇ.