UyghurMain Dictionary
بابۇنە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، بابۇنىگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، شاخلىرى كۆپ، ئىنچىكە، يوپۇرمىقى پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، باشسىمان گۈل رېتىگە كىرىدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرى
سېرىق، چۆرىسىدىكى گۈللىرى ئاق، خۇشبۇي پۇرايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلىنى، كۈز پەسلىدە چۆپىنى ۋە ئۇرۇقىنى
ئېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش،
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 10 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بابۇنىنىڭ گۈلىنى قاينىتىپ ئىچىپ ياكى سوقۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مېڭە ئاجىزلىقى، زەھەرلىنىش، ھەيز
نورمالسىزلىق جىگەر كېسەللىكلىرى، زەھەرلىنىش، كۆكرەك، مەقئەت ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ
بابۇنىنى قاينىتىپ بېشىدىن قۇيۇپ بەرسە، بەدەن ھۆللۈكى، قىچىشقاق، قىيىن تۇغۇت، قۇلۇنجى، ئۈچەي تولغىشىش، ئىششىق، بالىياتقۇ
ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بابۇنىنىڭ پىشقىنىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى تارتىپ بەرسە، مېڭىدىن كەلگەن سۇنى توختىتىدۇ.
بابۇنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بابۇنىنى چايناپ بەرسە، ئېغىزدىكى ئۇششاق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بابۇنىنى قاينىتىپ سۈيىدە كۆزنى يۇيۇپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بابۇنىنى كۆيدۈرۈپ ئۆينى ئىسلاپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى يوقىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ گۈلى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ئىچىنى يۇمشىتىش، يەلنى تارقىتىش، مېڭە ۋە پەينى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سۈيدۈك، ھەيزلەنى ماڭدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش قاتارلىق روللىرى بار.