UyghurMain Dictionary
ئازوت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەيرىي مېتال ئېلېمېنت
نېتروگېننىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى 14.0067 بەلگىسى N، ئاتوم تەرتىپى يەتتە. ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا ئاتالغۇ نېتروگېننى ئىشلىتىش كېرەك.
خىمىيە بىلىملىرى
ئازوت ئوغۇتنىڭ ئۈچ ئامىلى (ئازوت، فوسفور، كالىي) دىكى بىرىنچى ئەزا بولۇپ، زىرائەتلەر ئازوتتىن ئايرىلالمايدۇ. گەرچە ھاۋانىڭ بەشتىن تۆت قىسمى ئازوت بولسىمۇ، لېكىن زىرائەتلەر ئۇنى بىۋاسىتە سۈمۈرۈپ ئوزۇقلۇق قىلالمايدۇ.
بۇنىڭدىن100 نەچچە يىل بۇرۇنلا خىمىيە ئالىملىرى ھاۋادىكى ئازوتنى ئوغۇتقا ئايلاندۇرماقچى بولغان.1908 - يىلىغا كەلگەندىلا گېرمانىيىلىك خىمىيە ئالىمى ھاببىر ئازوت بىلەن ھىدروگېننى بىۋاسىتە بىرىكتۈرۈپ ئاممىياك ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى، يەنى ھازىرقى سىنتېتىك ئاممىياك سانائىتىدىكى »ھاببىر ئۇسۇلى«نى تېپىپ چىقتى. بۇ ئۇسۇلدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم شارائىتىدا ئازوت گازى بىلەن ھىدروگېن گازىنى كاتالىزاتور تەسىرىدە بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئاممىياك ھاسىل قىلغىلى بولاتتى.
كېيىنرەك كىشىلەر پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن بىر خىل بىرىكمىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىمدىلا ئازوتنى ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ ئۆسۈملۈكلەرگە سۈمۈرتمەكچى بولۇشتى.
بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئېلىمىز ئالىمى لو جاشى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىمنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئاكتىپ مەركىزىنىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى تەتقىق قىلىشتا نەتىجىگە ئېرىشتى. پروفېسسور لو جاشىنىڭ نەزەرىيىۋى مودېلىغا ئاساسەن سىنتېزلاپ چىقىلغان بىرىكمە ئازوت گازىدىن سىنتېزلاپ چىقىلغان ئاممىياكنىڭ ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ نەتىجە دۆلىتىمىزنى جانلىقلارنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشىغا خىمىيىۋى تەقلىد قىلىش تەتقىقاتى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتكۈزدى.
نېمە ئۈچۈن پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى ئازوت گازىنى ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ؟ بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئالىملار ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو جانلىقلار تېنىدىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم (نېتروگېنازا)نى ئايرىپ ئېلىپ، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىمدىكى ئىككى خىل ئاقسىل − مولىبدېن - تۆمۈر ئاقسىلى بىلەن تۆمۈر ئاقسىلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ »لوشەن تېغىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى«نى ئېنىقلاپ چىقتى: پەقەت بۇ ئىككى خىل ئاقسىل بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدىلا، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالىملار ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو جانلىقلاردىن ئۆگىنىپ، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپ مەركىزىنىڭ مودېلىنى تەتقىق قىلىپ، »مودېل ماددا« ئارقىلىق خۇددى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىمدا ئازوت گازىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاممىياك ئىشلەپچىقارماقچى بولدى.
جانلىقلارنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشى قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئالىملار بىر تەرەپتىن ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا ۋە ئادەتتىكى بېسىمدا ئاممىياكنى سىنتېزلىغىلى بولىدىغان بىرىكمىنى ئىشلەپچىقارماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا ئۆسۈملۈكلەردە خۇددى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمەكچى بولۇشتى. ياپونىيە ئالىملىرى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل ياۋا شالنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باشقا ئىرسىيەت گېنىنى ياۋا شالغا كىرگۈزۈپ ئۇنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى بىراقلا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى كۆتۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛ گرېكچە
خىمىيە
گاز ئېلېمېنت، خىمىيىۋى بەلگىسى N. رەڭسىز، پۇراقسىز كېلىدۇ، يانمايدۇ ھەم يېنىشقا ياردەم بەرمەيدۇ؛ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ ئەمەس، ھاۋانىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۆسۈملۈك ئوزۇقلىنىدىغان مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى.