UyghurMain Dictionary
ئاز
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
سان ياكى مىقدار جەھەتتىن كۆپ ئەمەس؛ كەم.
ئاز سانلىق مىللەت، ئازچىلىق، بۇ ئايدا يامغۇر ئاز ياغدى. * ئاز - پاز، ئازلىماق، ئازايماق. * ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ. * كۆپنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قالما (ماقال). * پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئازماق، ئېزىش. ئازغاشماق، ئازغىشىش. «ئاداش Ⅱ» گە قاراڭ.
يولدىن ئازساڭمۇ، يۇرتتىن ئازما (ماقال). * ئات ئازسا، تايغا ئەگشىدۇ (ماقال). * ئەگرى كىشى ئازىدۇ. توغرا كىشى ئۈزىدۇ (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاچ كۆزلۈك، ھېرىسلىك:
بېرىلگەنلىك.
قاراغۇ قىلىپدۇر كۆزۈڭ ھېرىس ئاز،
نە ئىمان سەندە، نە زەۋقى نەماز.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۈمىد؛ ئاچكۆزلۈك؛ غەم، قايغۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: قاراغۇ ئەيلەپدۇر كۆزۈڭ ھىرىس - ئاز، سەندە نە ئىمان، نە زەۋقى نەماز. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان جەھەتتىن كۆپنىڭ تەتۈرى، كۆپ ئەمەس.
«تام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئازچىلىق. ئاز سانلىق مىللەت. ئاز يە، كۆپ چاينا. ئاز بولسىمۇ، كۆپكە تاۋاپ. ئاز سۆزلە، كۆپ ئويلا. ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قالما. ئاز ئېشىم، غوۋغاسىز بېشىم. ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ. ئاز يە، ئاسان تىرىل. ئەركىن بازاردىن ئون جىڭ قاق ئاپتىكەن، جىڭلاپ كۆرسەك، يېرىم جىڭ كەم چىقتى. تىيىننىڭ ئۆمرى كۇتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىگە بېرىپ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
غىڭ قىلمايدۇ، ئۆزى چىقىمغا پاتقاندا، تاس قالىدۇ ئۆلگىلى بىرى ئولجا تاپقاندا، ماشىنىمىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشكە تاس - تاماس قالدى. يىقىلىشقا ئاز قالدىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتىن كىچىك.
كۆپ، جىق، تولا، نۇرغۇن، ئاۋۇن، غول
سان، مىقدار جەھەتتە چوڭ.
ئاز بولسا، ساز بولار. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا. ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار. ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆپ سۆز دېگەن كۈكۈن، ئاز سۆزلىگەن ئالتۇن. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب، ئاز يېگەن كۈندە يەر، جىق يېگەن نېمە يەر. ئازمۇ يېتەر، كۆپمۇ تۈگەر. جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر. تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا. نۇرغۇن يەرلەرنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتقا يەتمەيدىكەن. ئاۋۇن بولسا تۈگەر، كەم بولسا يېتەر. سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېپەك رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قول ھۈنەر بۇيۇملىرى. بۇ سۆز بەزىدە قىسقارتىلىپ «ئاز» مۇ دېيىلىدۇ. توغرىسى شۇ. ئازگۈ ئاز _ ياخشى ئىشلەنگەن بۇيۇم.
1 - 108
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياخشىلىق بەلگىسى، ياخشى كۆڭۈل. ئىگىلىگ تۇترۇغۇل ئاز بولۇر _ ئاغرىقنىڭ ۋەسىيىتى ياخشلىقنىڭ ئالامىتى. بۇ كېسەل ياتقان كىشىنى ۋەسىيەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدىغان ماقال.
1 - 108
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاز.
ئاز نەڭ _ ئاز نەرسە.
1 - 109
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرس، ئاق سۆسەر.
بۇ سۆز «س - س» بىلەنمۇ ئېيتىلىدۇ. بۇ توغرا.
1 - 109
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يۆتكىمەك؛ مىدىرلاتماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يامان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سان ياكى مىقدار جەھەتتىن كۆپ ئەمەس؛ كەم.
پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز (ماقال).
دوست كۆپ، توغرىسى ئاز (ماقال).
سۈپ. يېتەرلىك ئەمەس؛ كۇپايە قىلمايدىغان، قانائەتلىنەرلىك بولمىغان.
ئۇ ھېلىلا ئىنىسىنىڭ دوستىدىن ئاڭلىغانلىرى ئۈچۈنلا ئايالى مايسىخان چويۇننىڭ يۈزىگە تۈكۈرسىمۇ، ئۆيدىن ھازىرلا قوغلاپ چىقارسىمۇ ئاز …
رەۋ. بەزى - بەزىدە، كەمدىن، - كەم؛ گاھ - گاھ.
ئۇ تالا - تۈزگە ئاز چىقاتتى.