UyghurMain Dictionary
قارى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياشانغان، قېرى:
چەراكىم بۇلار بارچەسى بۇتتەراش،
ياغاچتىن سەنەم قىلغۇچى قارى - پاش.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
گەز (ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قېرى.
ھەر نەرسىنىڭ ياشانغىنى. ياشانغان كىشىنى « قارى ئەر» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان. قارى ئات _ يېشى تولغان، كۈچىگە كەلگەن ئات. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 307
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىلەك.
جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق.
3 - 308
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوز ئۆلچەيدىغان گەز. يۇقىرىدىكى سۆزدىن ئېلىنغان. بۇ سۆز مەنە جەھەتتىن ئەرەپچىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى،بىلەك رەخت ئۆلچىنىدىغان گەز ھەر ئىككى تىلدا بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
3 - 308
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
<تۈركى تىللار دىۋانى> دا kari دېگەن ئۆلچەم بىرلىكى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسەتكەن. مەھمۇد قەشقەرى يەنە: بۆز ئۆلچەيدىغان گەزنىڭمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ يۇقىرىقى ئۆلچەم نامىدىن ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. <ئىسكەندەرنامە> دە بۇ ئاتالغۇ: <ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، غۇلاچتىن قىسقىراق> (زايىت ئاخۇن پازىلباي: <ئىسكەندەرنامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى، 155 - بەت) دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ئۆلچەم بىرلىكى قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. فون گابائىن بىر قارى سەككىز سۇڭغا باراۋەر بولسا كېرەك دەيدۇ.
<قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دېگەن كىتابىنىڭ ئاپتورلىرى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن مۇھەممەترېيىم سايىتلار: <قارى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بولۇپ تەخمىنەن >چى< غا باراۋەر، ئۇزۇق قارى >گەز< گە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن، قەدىمكى چاغلاردا بىر گەز 71 سانتىمېترغا توغرا كېلىدۇ> (<قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 - يىل نەشرى، 155 - بەت) دەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر قارى تەخمىنەن 33 سانتىمېتر؛ بىر ئۇزۇن قارى 71 سانتىمېتر بولىدۇ.
ئازاتلىقتىن ئىلگرى جەنۇبىي شىنجاڭدا <ئارشىن> دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ياغاچ چىزا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى يېرىم روسىيە چىسى، يەنى 0.355 مېتر كېلىدىكەن (جى داچۇن: <ئۇيغۇرلارنىڭ كونا تارازا - ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش>، <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى>، 1991 - يىللىق 1 - سان). ئېنىقكى بۇ يەردىكى ياغاچ چىزا قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە قوللىنىلغان <قارى> بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. قارىغاندا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك مۇناسىۋەت بولسا كېرەك. لېكىن <ئارشىن> تۈركلەرنىڭ بىر خىل گېزىنىڭ نامى بولۇپ، قەدىمدە ئۇ 68 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى. شۇنداق بولغاندا بۇ <ئۇزۇن قارى> غا يېقىن كېلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئوقۇغۇچى (قىرائەت قىلغۇچى)