Uyghur→ChineseMain Dictionary
قارى
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
朗读者
lǎng dú zhě
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
卡里(诵经家)
kǎ lǐ (sòng jīng jiā )
تارىخ
卡里
kǎ lǐ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەر ئىسىملىرى
喀日
kā rì
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
短尺
duǎn chǐ
<تۈركى تىللار دىۋانى> دا kari دېگەن ئۆلچەم بىرلىكى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسەتكەن. مەھمۇد قەشقەرى يەنە: بۆز ئۆلچەيدىغان گەزنىڭمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ يۇقىرىقى ئۆلچەم نامىدىن ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. <ئىسكەندەرنامە> دە بۇ ئاتالغۇ: <ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، غۇلاچتىن قىسقىراق> (زايىت ئاخۇن پازىلباي: <ئىسكەندەرنامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى، 155 - بەت) دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ئۆلچەم بىرلىكى قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. فون گابائىن بىر قارى سەككىز سۇڭغا باراۋەر بولسا كېرەك دەيدۇ.
<قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دېگەن كىتابىنىڭ ئاپتورلىرى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن مۇھەممەترېيىم سايىتلار: <قارى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بولۇپ تەخمىنەن >چى< غا باراۋەر، ئۇزۇق قارى >گەز< گە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن، قەدىمكى چاغلاردا بىر گەز 71 سانتىمېترغا توغرا كېلىدۇ> (<قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 - يىل نەشرى، 155 - بەت) دەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر قارى تەخمىنەن 33 سانتىمېتر؛ بىر ئۇزۇن قارى 71 سانتىمېتر بولىدۇ.
ئازاتلىقتىن ئىلگرى جەنۇبىي شىنجاڭدا <ئارشىن> دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ياغاچ چىزا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى يېرىم روسىيە چىسى، يەنى 0.355 مېتر كېلىدىكەن (جى داچۇن: <ئۇيغۇرلارنىڭ كونا تارازا - ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش>، <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى>، 1991 - يىللىق 1 - سان). ئېنىقكى بۇ يەردىكى ياغاچ چىزا قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدە قوللىنىلغان <قارى> بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. قارىغاندا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك مۇناسىۋەت بولسا كېرەك. لېكىن <ئارشىن> تۈركلەرنىڭ بىر خىل گېزىنىڭ نامى بولۇپ، قەدىمدە ئۇ 68 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى. شۇنداق بولغاندا بۇ <ئۇزۇن قارى> غا يېقىن كېلىدۇ.