UyghurMain Dictionary
قالقان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قىلىچ، نەيزە قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈنلۈكسىمان قوغدىنىش قورالى:
گەر جەفا شەمشىرىنى چەكسە ئوشۇل سۇلتان ساڭا،
سىينەنى قالغان قىلىپ، ئەي سىينە قالقان، ئويناغىل.
ھاپىز خارەزمى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
مۇداپىئە ئۈچۈن قورغان تامنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە تىزىلغان كېسەك قۇرۇلما.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قالقان.
ئىككى تىلنىڭ بىرىدە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قىقرىپ ئاتىغ كەمشەلىم
قالقان سۈنگۈن جۇمشالىم
قايناپ يانا يۇمشالىم
قاتىغ ياغى يۇۋىلسۇن
قىقىراپ ئاتنى سالايلى،
قالقان - نەيزە ئۇرايلى،
قايناپ يەنە يۇمشايلى،
قاتتىق يېغا بوشىسۇن.
دۈشمەننىڭ ئۈستىگە سۈرەن - شاۋقۇن بىلەن ئات سېلىپ، باستۇرۇپ بارىمىز، قالقان تۇتۇپ، نەيزە بىلەن زەربە بېرىپ، قاتتىق ئېلىشىمىز، كېيىن دۈشمەن يارىشىشنى سورىسا، ئاندىن توختايمىز. شۇنداق قىلساق، قاتتىق دۈشمەن بوشايدۇ.
1 - 574
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەربىي
قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا بەدەننى قىلىچ، نەيزە قاتارلىقلار زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چەمبەر ياكى تۆت بۇرجەك شەكىلدىكى بىر خىل قورال.
قالقان بەز. قالقان قانات.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. مۇداپىئە ئۈچۈن قورغان تامنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە تىزىلغان كېسەك قۇرۇلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قالقان؛ توساق، قوغدىغۇچى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قالقان؛ توساق، قوغدىغۇچى.