UyghurMain Dictionary
قالقان بەز
بىئولوگىيە
دەسلەپكى خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدىكى ئېرىقسىمان بىرخىل تۈزۈلۈش (ئىچكى تۈۋرۈك دېيىلىدۇ) نىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن شەكىللەنگەن. يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپىدىكى ھايۋان - يەتتە ژابرالىق يىلانبېلىقنىڭ بالا تەنىسىدە تېخىچىلا مۇشۇنداق ئېرىقسىمان تۈزۈلۈش ساقلانغان بولۇپ، يېتىلگەن چاغدا بۇ خىل تۈزۈلۈش يۇتقۇنچاق قىسمىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ئىچكى ئاجرالما بېزى - قالقان بەزگە ئايلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى بېلىقلارنىڭ قالقان بېزى تارقاق ھالەتتە بولىدۇ. قوش ماكانلىقلار، قۇشلار ۋە بىر قىسىم يەر باغىرلىغۇچىلاردا بولسا، جۈپ - جۈپ ھالەتتىكى ئەمەلىي جىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، يۇتقۇنچاقنىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە جايلاشقان. تاشپاقا، يىلان قاتارلىق يەنە بىر قىسىم يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ قالقان بېزى يەككە بىر تۈزۈلۈش بولۇپ، ئېمىتكۈچىلەرگە كەلگەندە يەنە ئىككى ياپراققا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. قالقان بەز ئاجراتقان گورمون - تروكسىن (قالقان بەز گورمونى) دەپ ئاتىلىدۇ، تەركىبىدە يود بولىدۇ. بەزنىڭ ئاساسلىق رولى مېتابولىزمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر خىل توقۇلما - ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلاش رولىنى قوزغىتىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئادەمنىڭ تامىقىدا ئەگەر دائىم يودلۇق ماددىلار كەم بولسا، قالقان بېزى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يوغىناپ <پوقاق> كېسىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. پوقاق كېسىلى مەملىكىتىمىزنىڭ بەزى تاغلىق رايونلىرىدا نىسبەتەن كۆپ.