UyghurMain Dictionary
پەگاچىلار
دۇنيا تارىخى
ساسلىقچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى خەلق ئۇيۇشمىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئېقىم گۇرۇھى، ئۇلار يىغىن مەيدانىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارلامېنتتا ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئىنقىلابنى ھىمايە قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى قۇۋۋەتلەپ، ئەركىن ئىگىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن مۇقىم سىياسىي تەشەببۇسى يوق. گروندچىلار بىلەن <تاغلىقلار> ئوتتۇرىسىدىكى كۈرۈشتە ئۆزلىرىنى ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقۇچىلار دەپ ئاتاشقان، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكنى ئۆلچەم قىلغان. دەسلەپتە گروندىچىلارنى قوللىغان. گروندىچىلار ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە تاغلىقلارنى قوللىغان. ھەتتا ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ تېرورلۇق سىياسىتىگىمۇ تاقەت قىلىپ تۇرغان. 1794 - يىلى 7 - ئايدا يەنە روبېسپېررېغا قارشى ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ئۇيۇشمىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ياكوبىن دىكتاتورىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، <تۇمۇز ئاي پارتىيىسى> نىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان.