UyghurMain Dictionary
پاپاچىلار
دۇنيا تارىخى
گۇئېلفىچىلار دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ⅩⅡ - ⅩⅤ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيىدىكى سىياسىي مەزھەپ بولۇپ، مۇنارخىستلار بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان. بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ۋېلف جەمەتىنىڭ ھوھېنستا ئۇفېن جەمەتىگە قارشى كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ <گۇئېلفى> (ئىتالىيىچە Guelfi نىڭ ئاھاڭ تەرجىمسى) دېگەن سۆز ۋېلفدىن دىن كەلگەن؛ <گىبېلىنى> (ئىتالىيىچە Ghibellini نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، پادىشاھچىلار دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆز ھوھىنستا ئۇفېن جەمەتىنىڭ ۋېيبېلىنگېن دېگەن قەلئەسىدىن ئېلىنغان. پاپاچىلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى بانكىرلار، سودىگەرلەر ۋە دۇكاندارلار بولۇپ، ئۇلار رىم پاپاسى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس رىم ئىپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىگە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مۇنارخىستلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى چوڭ فېئوداللار بولۇپ، ئۇلار مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىغا بېقىنىپ فېئوداللىق ئىمتىيازنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. شۇڭا سودا - سانائەت تەرەققىي تاپقان مىلان، فلوربنسىيە، بولونبا قاتارلىق شەھەرلەرنى پاپاچىلار ئىگىلىگەن، فېئوداللىق كۈچلەر كۈچلۈكرەك بولغان پادوۋا، ۋېرونا، ۋىسېنزا قاتارلىق شەھەرلەرنى پادىشاھىچلار كونترول قىلىۋالغان. لېكىن بۇ مۇقىم بولمىغان، مەسىلەن، سودا - سانائەت تەرەققىي تاپقان پىسا شەھىرى، مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك دۈشمەن فلورېنسىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىر مەھەل پادىشاھچىلارغا مەنسۇپ بولغان ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن كېيىن، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ۋە پاپا كۈچلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاستا - ئاستا سۇسلاشقان. ⅩⅤ ئەسىرگە كەلگەندە يوقالغان.