UyghurMain Dictionary
كاتتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆلىمى جەھەتتىن باشقىلاردىن ئارتۇق، كىچىك ئەمەس.
چوڭىنىڭ دەردى چوڭغىچە. چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ. زورنىڭ زورلۇقى بار. يوغان سوزۇلار، ئىنچىكە ئۈزۈلەر. كاتتا ئىشىكنىڭ ئۈلگۈجىمۇ كاتتا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
كىچىك ، ئۇششاق ، مەيدە، ئۇۋاق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان؛ چوڭلار، چوڭ كىشى...
كىچىك ، ئۇششاق
ئىسىملاشقان؛ كىچىكلەر، كىچىك كىشى...
چوڭ يۈزىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچار. بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ. چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى تويغا ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە كەلدى. ئەقىللىق ئەخمەق ئەخمەقلەرنىڭ كاتتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. چوڭ، ھەشەمەتلىك، ئېسىل.
كاتتا شەھەر. كاتتا بىنا. كاتتا يىغىن. كاتتا توي.
سۈپ. بۈيۈك، داڭلىق.
كاتتا كىشى، كاتتا ئادەم.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا شائىرىدۇر.
ئى . ياش جەھەتتە چوڭايغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى؛ باشلىق، ئەمەلدار.
سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا كاتتىلار بىلەنمۇ ئەقىللىشىپ كۆرۈڭ، ئۇلار سىزگە قانداق ئەقىل كۆرسىتەركىن.