UyghurMain Dictionary
كاتو
دۇنيا تارىخى
(1) چوڭ كاتو (مىلادىدىن ئىلگىرى 234 - 149). قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە يازغۇچىسى. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي (مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) بولغان، كېيىن ئىسپانىيە (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى)، ماكېدونىيە (مىلادىدىن 191 يىل ئىلگىرى)لەردە ئۇرۇش قىلغان. مالىيە ئەمەلدارى (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى)، چوڭ سوتچى (مىلادىدىن 198 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى)، پروكور (مىلادىدىن 184 يىل ئىلگىرى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن؛ رىم ئەنئەنىسىنى قوغداپ، يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ كىرىشىگە قارشى تۇرغان ھەمدە كارفاگېننى يوقىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلغان. لاتىن نەسرىي ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى، ئۇنىڭ يەتتە توملۇق <رىم تارىخىي مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تارىخ كىتابى ھېسابلىنىدۇ، ھازىر پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. يەنە <دېھقانچىلىق تەزكىرىسى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى بىر دوستى ئۈچۈن يازغانىكەن، ئۇنىڭدا ئېكىنزارلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە بېيىشنىڭ يولى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتى قۇللۇق تۈزۈمى ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتىرىيال ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەسەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. (2)كىچىك كاتو (مىلادىدىن ئىلگىرى 95 - 46) قەدىمكى رىم سىياسىئونى. چوڭ كاتونىڭ چەۋرىسى. ستوئىكچىلار پەلسەپىسىنىڭ مۇرىتى. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى سىناتتا نوتۇق سۆزلەپ، سىسېرونى قوللاپ، كاتىلىناچىلارنى ئۆلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدىغان. ترىبۇنى بولغان مەزگىلدە (مىلادىدىن 62 يىل ئىلگىرى)پومپېينى قوللايدىغان ترىبۇن كۇنتۇمېتېللاسقا قارشى تۇرغان ھەمدە مىلادىدىن 60 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك ئىتتىپاققا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. كېيىن پومپېيچىلارغا قاتنىشىپ، كائېسارغا قارشى تۇرغان. پارسالۇ جېڭى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 48 يىل ئىلگىرى)دە كائېسار غەلىبە قىلغاندا، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇنىكاغا بارغان. كائېسارنىڭ لەشكەرلىرى تاپۇس (شىمالىي ئافرىقىدا) قا يېقىنلاشقاندا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.