UyghurMain Dictionary
كاتوشىگې
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1946) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. ئەدەبىيات دوكتۇرى. 1906 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو تارىخى بويىچە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى تۈگەتكەن. 1936 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. مەخسۇس جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تارىخىنى تەتقىق قىلغان. جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈمى تارىخى، پۇل تۈزۈمى تارىخى، سانائەت تارىخى ۋە مالىيە تارىخىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئاساسلىق ئەسىرىدىن <تاڭ - سۇڭ دەۋرى كۈمۈش پۇلى توغرىسىدا تەتقىقات> قاتارلىقلار بار. ماقالىلىرى <جۇڭگو ئىگىلىك تارىخىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش> قا كىرگۈزۈلگەن.